«ھۇجۇمنىڭ كەينىدە ئىران بار، لېكىن بىز ئۇرۇشنى خالىمايمىز»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ئۇممان قولتۇقتا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملارنىڭ كەينىدە ئىران بارلىقىنى، لېكىن بۇ دۆلەت بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1219381
«ھۇجۇمنىڭ كەينىدە ئىران بار، لېكىن بىز ئۇرۇشنى خالىمايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئۇممان قولتۇقىدا يۈز بەرگەن نېفىت پاراخوتلىرى ھۇجۇمىنىڭ كەينىدە ئىراننىڭ بارلىقىنى، لېكىن ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

مايك پومپېيو «فوكس خەۋەر»تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن ھەپتە ئۇممان قولتۇقىدا مەيدانغا كەلگەن نېفىت پاراخوتلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش  توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

پومپېيو سوئاللارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ ھۇجۇملارنىڭ كەينىدە ئىراننىڭ بارلىقى بەش قولدەك ئايان، لېكىن پىرېزىدېنتىمىز دونالد ترامپ ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، بىز ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايمىز، لېكىن مۇھىم ئۆتۈش ئېغىزلىرىدا ئەركىن قاتناشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالىمىز، ھۆكۈمىتىمىز دىپلوماتىيە بولۇپ بەزى ساھەلەردە خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.»

پومپېيو يەنە مۇنداق دېدى: «ئىستىخبارات ئورۇنلىرىمىزنىڭ قولىدا نۇرغۇن مەلۇمات ۋە دەلىل-ئىسپات بار، دۇنيا ھامان بىر كۈنى بۇلاردىن خەۋەر تاپىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر