ترامپ بىلەن نىيۇ يورك تايمېس ئوتتۇرىسىدا ماجرا يۈز بەردى

ئامېرىكادا چىقىدىغان «نىيۇ يورك تايمېسس گېزىتى» (New York Times) مېكسىكا بىلەن جۈمە (7-ئىيۇن) تۈزۈلگەن «قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى توسۇش» كېلىشىمىنىڭ ئەسلىدە بىر قانچە ئاي بۇرۇن ئىمزالانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1215392
ترامپ بىلەن نىيۇ يورك تايمېس ئوتتۇرىسىدا ماجرا يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردە ئامېرىكا جەمئىيىتىدە قوزغالغان ئامېرىكا-مېكسىكا كېلىشىمى توغرىسىدىكى بەس-مۇنازىرەلەر، نىيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ خەۋىرى بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقتى.

نىيۇ يورك تايمېس ئامېرىكا-مېكسىكا مەسئۇللىرى جۈمە كۈنى 11 سائەت مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان كېلىشىمنىڭ، ئەسلىدە 2019-يىلى مارت ئېيىدا تۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكانىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتقانلىرى مەنبە قىلىنغان نىيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مارت ئېيىدا مىيامىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەخپىي ئۇچرىشىشلاردا، ئامېرىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كىرستجېن نىيېلسېن (Kirstjen Nielsen) بىلەن مېكسىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئولگا سانچېز (OlgaSanchez) نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بويىچە جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان كېلىشىمدىكى نۇرغۇن ماددىلار مىيامىدىكى مەخپىي ئۇچرىشىشلاردا مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، مېكسىكا بۇنىڭدىن بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ياندۇرۇش مەسىلىسىدە قەتئىي ۋەدىلەرنى بەرگەن.

پىرېزىدېنت ترامپ تۋىتتېردا نىيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «مۇۋەپپەقىيەتسىز نىيۇ يورك تايمېس گېزىتى يەنە يالغان خەۋەر ئېلان قىلدى. بىز ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى چېگرا بىخەتەرلىكى توغرىسىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتاتتۇق، بىراق كېلىشىم ئىمزالانغىچە مېكسىكادىن ھەقىقىي بىر نەرسە قولغا كەلتۈرەلمىگەن ئىدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر