مالىدا قانلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئافرىقاغا جايلاشقان مالىنىڭ دوگون يېزىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 100 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1215990
مالىدا قانلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە «24 -فرانس» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مالى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئالغان مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، مالىنىڭ مەركىزىي رايونىدىكى دوگون ئېتنىك گۇرۇپپىسىغا تەۋە كىشىلەر ياشايدىغان بىر يېزىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا، 100 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

مالىنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىمى 2012-يىلىدىن بۇيان بۆلۈنۈشنى مەقسەت قىلغان ئېتىشىشلار ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا سەھنە بولماقتا ئىدى.

2019-يىلى 23-مارت ئوگوسساگوۋ يېزىسىدىكى فۇلانىلارغا دوزوس ئوۋچى گۇرۇپپىسىنىڭ كىيىمىنى كىيۋالغان قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ قېتىمقى قانلىق ھۇجۇمدا 165 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 65 كىشى يارىلانغان ۋە نۇرغۇنلىغان ئۆيلەرگە ئوت قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

فىرانسىيەنىڭ «Barkhane» ھەربىي ھەرىكىتى نامى ئاستىدا مالىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 4 مىڭ ئەسكىرى ۋە ب د ت باشچىلىقىدا قۇرۇلغان 15 مىڭ كىشىلىك تىنچلىق قىسمى «MINUSMA»، ھازىرغىچە خەۋپسىزلىك تەھدىتىنى يوقىتالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر