ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋىزا باھاسىنى ئۆستۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ۋىزا باھاسىنى ئەسلىدىكى 60 ياۋرودىن 80 ياۋروپاغا ئۆستۈرۈش قارارىنى تەستىقلىدى.

1214372
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋىزا باھاسىنى ئۆستۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشى ۋىزا باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلىشىگە ئالاقىدار بەلگىلىمە تەكلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى 100 دىن ئارتۇق دۆلەت پۇقرالىرى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ساياھەت ۋىزىسى بەلگىلمىسىگە بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزدى.

بۇ دائىرىدە ياۋوپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋىزا بەدىلى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ئەسلىدىكى 60 ياۋرو 80 ياۋروغا چىقىرىلىدىغان بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋىزا ئۈچۈن ئىلتىماسنى ساياھەتتىن ئالتە ئاي ئىلگىرى سۈنسىمۇ بولىدىغان بولدى.

قائىدە بويىچە، بەلگىلىمە تەكلىپى ئالدى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىدۇ، ئاندىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىنىپ، 6 ئايدىن كېيىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ. 

 

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر