مالايشىيادا چاقماق 3 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
مالايشىيادا بىر ئېتىزلىققا چۈشكەن چاقماق بىرلا ئائىلىدىن 3 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
1214326
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا ئاخباراتلىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، نەگەرى سەمبىلان ئۆلكىسىگە قاراشلىق باھائۇ شەھىرىدە ئۆچكىلىرىنى ئۆتلىتىۋاتقان بىر ئائىلەنى ئېتىزلىقتا تۇيۇقسىز چىققان بوراندىن كېيىن چاقماق سوققان. نەتىجىدە ئاتا – ئانا ۋە 3 ياشلىق پەرزەنتى جېنىدىن ئايرىلىپ، 12 ياشلىق ئوغلى يارىدار بولغان.
ۋەقەدە ئائىلىنىڭ ئىتىنىڭمۇ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.