مىسىردىكى توقۇنۇشتا 8 ساقچى ئۆلدى
مىسىرنىڭ شىمالىي سىنا ۋىلايىتىدە بىر ساقچى پونكىتىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 8 ساقچى ئۆلدى.
1213911
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تېررورچىلار ئارىش شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ساقچى پونكىتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان.
ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، ساقچى ئەمەلدارلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 8 نەپەر ساقچى ئۆلگەن ۋە 5 تېروررچى ئۇجۇقتۇرۇلغان.
مىسىرنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى شىمالىي سىنا ۋىلايىتىگە قاراشلىق رېفاھ ۋە ئارىش شەھەرلىرى پات - پات قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا سەھنە بولۇپ كەلمەكتە.