گېرمانىيەدىكى فاتىھ جامەسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

گېرمانىيەنىڭ ساكسونيا ئۆلكىسى درېسدېن شەھىرىدىكى دىنى ئىشلار باشقارمىسىغا تەۋە فاتىھ جامەسىگە كىملىكى تېخىچە ئېنىقلانمىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

1213684
گېرمانىيەدىكى فاتىھ جامەسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: درېسدېن شەھىرىدىكى فاتىھ جامەسى جەمئىيىتى مۇئاۋىن باشلىقى ھۇسەيىن تاشقىن تۈنۈگۈن يەرلىك سائەت 14:00 تە كىملىكى تېخىچە ئېنىقلانمىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ تاش ئېتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 3 دەرىزىنىڭ چىقىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇسەيىن تاشقىن ھۇجۇم جەريانىدا جامىنىڭ ئىچىدە ھېچ كىشى يوقلۇقىنى، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلارنىڭ بولسا، تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دىرېسدېن ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ماركو لاسكەمۇ گېرمانىيە ئاخباراتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ساقچىلارنىڭ ئەتراپتىكى گۇماندارلانى ئىزدەپ تۇتۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ماركو لاسكە ساقچىلارنىڭ جامە ئىچىدىن مۇشتۇمدەك چوڭلۇقتا 3 دانە تاش تاپقانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە ساقچىلارنىڭ رەسمىي ھالدا جىنايەت تەكشۈرۈشى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر