دونالد ترامپ 2020-يىلدىكى سايلامغا نامزات بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا نامزات بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

1212438
دونالد ترامپ 2020-يىلدىكى سايلامغا نامزات بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 2020-يىلى  ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا  نامزات بولىدىغانلىقىنى 18-ئىيۇندا رەسمىي جاكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ 2020-يىلدىكى سايلامغا نامزات بولىدىغانلىقىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسى تۋىتتېردىن ئۇقتۇردى.

ترامپ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «ئىككىنچى قېتىم  نامزات بولىدىغانلىقىمنى 18-ئىيۇندا رەپىقەم مەلانىيا ترامپ، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت  مايك   پېنىس ۋە رەپىقىسى كارېن پېنس بىلەن  بىرلىكتە فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ  ئورلەندو شەھىرىدە ئېلان قىلىمەن، 20مىڭ كىشى قاتنىشىدىغان يىغىلىشقا  ھەممىڭلارنى تەكلىپ قىلىمەن.»

دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ نامزات نامزاتلىق رىقابىتىدە سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت  جون بايدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرماقتا.

2016-يىلى نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولغان دونالد ترامپ، 2017-يىلى 20-يانۋاردا قەسەم بېرىپ ئاقسارايدا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىۋەتكەنىدى.

ئامېرىكادا 59-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمى 2020-يىلى 3-يانۋاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر