ئاقساراي ئەتراپىدا ئۆزىگە ئوت قويۇۋەتكەن كىشى ئۆلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۈنۈگۈن ئاقساراي ئەتراپىدىكى ئېللىپسې باغچىسىدا ئۆزىگە ئوت قويۇۋەتكەن كىشى دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1212080
ئاقساراي ئەتراپىدا ئۆزىگە ئوت قويۇۋەتكەن كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوننىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ۋە ئاقسارايغا ناھايىتى يېقىنلا جايدىكى  ئېللىپسې باغچىسىدا ئۆزىگە ئوت قويۇۋەتكەن ئارناۋ گاپتا ئىسىملىك كىشى دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئالدىنقى ئايدىمۇ بىر ئەر كىشى ئاقساراينىڭ ئالدىدىكى پېنسىلۋانىيە كوچىسىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ بېرىپ، يېنىك يارىلاغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر