رۇسىيە تەكشۈرۈشىگە مەسئۇل بولغان ئامېرىكىلىق ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مۇپەتتىش مۇئېللېر ئىستېپا بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مۇپەتتىش روبېرت مۇئېللېر، رۇسىيە تەكشۈرۈشىگە دائىر ماتېرىيالنىڭ تولۇق يېپىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1210914
رۇسىيە تەكشۈرۈشىگە مەسئۇل بولغان ئامېرىكىلىق ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مۇپەتتىش مۇئېللېر ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇزۇنغا سوزۇلغان سۈكۈتىگە خاتىمە بەرگەن روبېرت مۇئېللېر، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا خەلقىنى 2 يىلغا يېقىن مەشغۇل قىلغان ۋە ئاخىرقى دوكلاتى مارت ئېيىدا ئېلان قىلىنغان رۇسىيە تەكشۈرۈشىگە مەسئۇل ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مۇپەتتىش مۇئېللېر، تېلېۋىزىيە قاناللىرى بىۋاسىتە تارقاتقان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «(رۇسىيە تەكشۈرۈشىگە مەسئۇل) ئالاھىدە ھوقۇقلۇق تەپتىش مەھكىمىسى ئىشخانىسىنى رەسمىي تاقىۋېتىمەن ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىكى ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بېرىپ، خۇسۇسىي ھاياتىمغا قايتىمەن» دېدى.

رۇسىيەنىڭ 2016 – يىلىدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تور ھۇجۇمى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن تەشكىللىك ئۇرۇنۇشلارنى قىلىپ كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مۇئېللېر، ھىلارىي كىلىنتوننىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل ئادەملىرى ئىشلەتكەن بەزى كومپيۇتېرلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە كېيىنچە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ سىياسىي مەقسەتتە ئىشلىتىلمەكچى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «رۇسىيە بىزنىڭ سايلاملىرىمىزغا مۇداخىلە قىلىشقا تىرىشتى ۋە بۇ ئەھۋال پۈتكۈل ئامېرىكىلىقلارنى قايغۇغا سېلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ مۇساپىدە بىرەر جىنايەت سادىر قىلىپ – قىلمىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئەگەر پىرېزىدېنتنىڭ ئېنىق بىر جىنايەت سادىر قىلمىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالىغان بولساق، بۇنى بۇ شەكىلدە دېگەن بولاتتۇق. بىراق، بىز پىرېزىدېنتنىڭ بىر جىنايەت سادىر قىلىپ – قىلمىغانلىقى توغرىسىدا يەكۈن چىقارمىدۇق. نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر پىرېزىدېنتنى فېدېراتىپ بىر جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگىلى بولمايدۇ، بۇ ئاساسىي  قانۇنغا زىتتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دونالد ترامپ تىۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «مۇئېللېر دوكلاتىدىن بۇيان ھېچنەرسە ئۆزگەرمىدى. دەلىل يېتەرسىز ئىدى، بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە (بۇنداق ئەھۋالدىكى) ھەرقانداق بىر ئادەم بىگۇناھتۇر. ماتېرىيال يېپىلدى. رەھمەت» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مۇپەتتىش روبېرت مۇئېللېر، 22 ئاي داۋاملاشقان، ترامپ ۋە 2016 – يىلىدىكى سايلام سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل بولغان خادىملارنىڭ رۇسىيە بىلەن يوشۇرۇن كېلىشىم تۈزگەنلىكى توغرىسىدىكى دەۋالارغا ئالاقىدار تەكشۈرۈش دوكلاتىنى 22 – مارتتا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا سۇنغانىدى.

ئەدلىيە مىنىستىرى ۋىليام بار بولسا، دوكلاتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى بىر مەكتۇپ ئارقىلىق دۆلەت مەجلىسىگە مەلۇم قىلغان ۋە ترامپنىڭ رۇسىيە بىلەن يوشۇرۇن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يەكۈن چىقىرىلالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

ترامپ، دوكلات ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئاقلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، دېموكراتىك قانات ترامپنىڭ «ئادالەتنىڭ نامايان بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى» نى دەۋا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر