«ئامېرىكا يەنە غەرىزىگە يېتەلمىدى»

ۋېنېزۇئېلانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۋە ئىشخانىسى دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى جورج ۋالېرو ئامېرىكانىڭ قورالسىزلىنىش يىغىنىدا غەرىزىگە يېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

1209986
«ئامېرىكا يەنە غەرىزىگە يېتەلمىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۋە ئىشخانىسى دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى جورج ۋالېرو، قورالسىزلىنىش يىغىنىدا ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلانى بايقۇت قىلىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغانلىقىنى ئېيتتى.

65 دۆلەت ئەزا بولغان جەنۋە مەركەزلىك قورالسىزلىنىش يىغىنىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىگە ئېلېپە رەت تەرتىپىگە ئاساسەن ۋېنېزۇئېلا سايلاندى، بۇ ئەھۋال ئامېرىكا-ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.

ئامېرىكانىڭ قورالسىزلىنىش يىغىنى دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى روبېرت ۋۇد «ۋېنېزۇئېلا رەئىسلىگىدىكى قورالسىزلىنىش يىغىنىنى بايقۇت قىلىمىز»دەپ بايانات بېرىشىدىن كېيىن، ۋېنېزۇئېلا باش ئەلچىسى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ۋالېرو ئامېرىكا ۋە لىما گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يىغىن زالىنى تاشلاپ كېتىشىنىڭ قورالسىزلىنىش يىغىنىلا ئەمەس، زالدىكى بارلىق باش ئەلچى ۋە دىپلوماتلارغا قارشى ھۆرمەتسىزلىك بولغانلىقىنى ئېيتتى.

باش ئەلچى جورج ۋالېرو، ۋېنېزۇئېلانىڭ 23-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىغان نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا نىسبەتەن شەرەپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنىڭ ئەكسىچە زالدىكى ۋەكىللەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ نارازىلىقىنىڭ ئىشقا يارىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش ئەلچى جورج ۋالېرو رۇسىيە، ئىران، گېرمانىيە، فىرانسىيە، خىتاي، پاكىستان، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ نارازىلىقىغا ئاۋاز قوشمىغانلىقىنى ۋە يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغانلىقلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ مۇنداق دېدى: «دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى يەنە يېتىم قالدى، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى تولىمۇ بىمەنە ئىدى.»

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ 6 مىليون ۋېنېزۇئېلالىقنىڭ ئاۋازغا ئېرىشكەن قانۇنلۇق لىدېر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋالېرو، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس ۋە ب د ت غا ئەزا نۇرغۇن دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش ئەلچى جورج ۋالېرو ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلانى ئۇرۇش بىلەن تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ «ئىرقچى»بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى،  قورالسىزلىنىش يىغىنىغا كۈچ چىقىرىشنىڭ ئورنىغا ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر