ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىدلىب خەلقى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئىنسانىي ئىشلارغا مەسئۇل كىشىلىرىدىن ئۇرسۇلا مۇئېللېر ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئىدلىب خەلقى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

1209987
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىدلىب خەلقى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئىنسانىي ئىشلارغا مەسئۇل كىشىلىرىدىن ئۇرسۇلا مۇئېللېر: ئىدلىب،  كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان، تەخمىن قىلغىلى بولىدىغان ھەتتا ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ئىنسانىي پالاكەتنىڭ ئاخىرقى مىسالىدۇر، دېدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئىدلىب خەلقىنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرگەن ئۇرسۇلا مۇئېللېر، ئىدلىبتە 3 مىليون كىشىنىڭ توقۇنۇش ئىچىدە قالغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ئاي ئىچىدە ئىدلىبكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە تونۇنۇشلار تۈپەيلى 160تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈپ، 270مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان ئۇرسۇلا مۇئېللېر، ھۇجۇملاردا 25 دوختۇرخانا ۋە 25 مەكتەپنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ھەر ئاي سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلىۋاتقانلىقىنى ۋە باش كاتىپنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ھازىرغىچە 61 دوكلات تەقدىم قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئۇرسۇلا مۇئېللېر، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئىدلىب خەلقىنى ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تەدبىر ئالماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇرسۇلا مۇئېللېر مۇنداق دېدى: «ئىدلىب،  كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ۋە تەخمىن قىلغىلى بولىدىغان ھەتتا ئالدىنى ئېلىش تامامەن مۇمكىن بولىدىغان ئىنسانىي پالاكەتنىڭ ئاخىرقى مىسالىدۇر. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى مەكتەپلەر ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ  بومباردىمان قىلىنىشىغا قارشى كونكرېت قەدەم تاشلىمىدى، ۋارىل بومبىلىرى خەلقنىڭ ئۈستىگە چۈشمەكتە، بۇلارغا نېمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلىپ تۇرىسىلەر؟. »

 


خەتكۈچ: #ب د ت

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر