ياپونىيەدە بىر مەكتەپتە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ياپونىيەنىڭ كاۋاساكى شەھىرىدە پىچاقلىق بىر زوراۋاننىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە بىر ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى، كەم دېگەندە 16 كىشى يارىلاندى.

1209344
ياپونىيەدە بىر مەكتەپتە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ «‹ NHK › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پايتەخت توكيو ئەتراپىدىكى سانائەت شەھىرى كاۋاساۋا شەھىرىدىكى بىر بېكەتتە ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقان بىر گۇرۇپپا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پىچاقلىق بىر ئادەمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

50 ياشلار چامىسىدىكى بۇ زوراۋان ۋەقەدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بوينىغا پىچاق سېلىۋەتكەن ۋە ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي قولغا ئېلىنغان.

زوراۋان قولغا ئېلىنىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلگەن، يارىلانغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىر قىز ئوقۇغۇچىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، يارىلانغان 16 ئوقۇغۇچىدىن 3 ىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، ھۇجۇمنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر