ئەرەبىستان پادىشاھى قاتار ئەمىرىگە تەكلىپنامە يوللىدى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر جىددىي يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشى ئۈچۈن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىغا تەكلىپنامە يوللىدى.

1208621
ئەرەبىستان پادىشاھى قاتار ئەمىرىگە تەكلىپنامە يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سۇئۇد، 30 – مايدا مەككىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر جىددىي يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشى ئۈچۈن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىغا تەكلىپنامە يوللىدى.

قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – QNA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پادىشاھ سەلماننىڭ تەكلىپنامىسىنى پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى باش كاتىپى ئابدۇللەتىف بىن راشىد ئەززەييانى قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانىغا تاپشۇرغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان، 18 – مايدا پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنى 30 – مايدا مەككىدە ئىككى ئايرىم يۇقىرى دەرىجىلىكلەر جىددىي يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغانىدى.

پادىشاھ سەلمان مەزكۇر يىغىن چاقىرىش قارارىنى، 13 – مايدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە 4 يۈك پاراخوتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىشى ۋە 14 – مايدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىككى ماي ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىن چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر