كابۇلدا پارتلاش يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ھەجە ۋە ۋەخپىلەر مىنىستىرلىقى خادىملىرى ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلاپ، 10 ئادەم يارىلاندى.

1209057
كابۇلدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھەج ۋە ۋەخپىلەر مىنىستىرلىقى خادىملىرى ئولتۇرغان بىر مىنىبۇسقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ كابۇلنىڭ باراكى رايونىدا پارتلىغانلىقىنى، ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 10 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، مىنىبۇس بىلەن قارشى يۆنىلىشتىن كەلگەن باشقا بىر ئاپتوموبىلنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەر، ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر