بىرازىلىيەدە مەھبۇسلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جېدەل – ماجىرادا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

بىرازىلىيەنىڭ ئامازوناس ئۆلكىسىدىكى بىر تۈرمىدە مەھبۇسلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جېدەل – ماجىرادا كەم دېگەندە 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1209123
بىرازىلىيەدە مەھبۇسلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جېدەل – ماجىرادا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆلكىلىك تۈرمىنىڭ مەسئۇلى پولكوۋنىك ماركۇس ۋىنىكىئۇس ئولىۋېرا دې ئامېيدانىڭ ئېيتىشىچە، مانائۇس شەھىرىدىكى ئانىسىئو جوبىم تۈرمىسىنىڭ قورۇسىدا زىيارەت ۋاقتىدا مەھبۇسلار ئوتتۇرىسىدا جېدەل - ماجىرا يۈز بېرىپ، 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ۋەقەدىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، تۈرمىنى كونتىرول ئاستىغا ئالغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋەقلەر جەريانىدا تۈرمىدىن قېچىش يۈز بېرىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ئانىسىئو جوبىم تۈرمىسىدە 2017 – يىلى يانۋار ئېيىدا چىققان ئىسياندىمۇ 56 مەھبۇس ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا مەھبۇس قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر