ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى «سەۋەنلىك بىلەن» پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئافغانىستاننىڭ شىرزاد ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تالىبانغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەسناسىدا سەۋەنلىك بىلەن 5 پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1208407
ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى «سەۋەنلىك بىلەن» پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ شىرزاد ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تالىبانغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەسناسىدا سەۋەنلىك بىلەن 5 پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

نانگارھار ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ئاتائۇللاھ خوگيانى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ شىرزادنىڭ تاتۇ يېزىسىدا تالىبانغا قارشى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھەرىكەت جەريانىدا سەۋەنلىك بىلەن پۇقرالارنىڭ ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى، ۋەقەدە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تالىبان 10 ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر