فىرانسيەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 13 كىشى يارىدار بولدى

فىرانسىيەنىڭ لىيون شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 13 كىشى يارىدار بولدى.

1207942
فىرانسيەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 13 كىشى يارىدار بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىيوندا بىر نان زاۋۇتىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويۇلغان كىچىك بىر قۇتا ئىچىدىكى بومبا پارتلىغان.

بىراق فىرانسىيە مەسئۇللىرى تېخىچە بۇ ھەققتە بىرەر بايانات ئېلان قىلمىدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون نەق مەيدان تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەقەنى «ھۇجۇم» دەپ تىلغا ئالدى. ماكرون پارتلاشتا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ساقچىلار بولسا، يارىدارلاردىن ھېچ بىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى ۋە ئەتراپتا بىخەتەرلىك تەبدرلىرىنى يولغا قويدى.

تەپتىش مەھكىمىسى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئەترىتىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  

يەرلىك مەتبۇئاتلار ئىچىگە بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇتىنى قويۇپ قويغاندىن كېيىن، ۋىلىسىپىت بىلەن قېچىپ كەتكەن كىشىنى ئىزدەپ تۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر