زەرىف: بەسرە قولتۇقىدا «قازالار» يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن

مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، س ن ن قانىلىنىڭ ئامېرىكا – ئىران سوغۇقچىلىقىغا ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1205693
زەرىف: بەسرە قولتۇقىدا «قازالار»  يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بەسرە قولتۇقىدا ھەربىي كۈچلىرىنى كۆپەيتىشىنىڭ قازالارنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ناھايىتى خەتەرلىك ئويۇن ئويناۋاتىدۇ» دېدى.

مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، س ن ن قانىلىنىڭ ئامېرىكا – ئىران سوغۇقچىلىقىغا ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئامېرىكىنىڭ ئىران تەرەپتىن كەلگەن تەھدىتلەرنى باھانە قىلىپ، بەسرە قولتۇقىدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن زەرىف، «بۇنداق كۆپ ئەسكىرىي كۈچنىڭ كىچىككىنە بىر جايغا توپلىنىشى ئۆزلۈكىدىن قازالارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن» دېدى.

زەرىف، ئامېرىكا رەھبەرلىكىنىڭ بۇ خىل «قازالار» نىڭ يۈز بېرىشىنى خالايدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، «قازا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. ئامېرىكا ناھايىتى خەتەرلىك ئويۇن ئويناۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلىتىنى يادرو كېلىشىمىدىن چېكىندۈرۈشىدىن كېيىن، ئىران بىلەن يېڭى بىر كېلىشىم تۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشى توغرىسىدىمۇ توختالغان زەرىف، «ۋەدىلىرىدىن يېنىۋالغان كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىش ئىستىكىمىز يوق. ھېچبىر ئىرانلىققا تەھدىت سېلىپ بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيسىلەر. سۆھبەتنىڭ يولى تەھدىت سېلىشنى ئەمەس، ھۆرمەت قىلىشنى بېسىپ ئۆتىدۇ» دېدى.

دونالد ترامپ ئالدىنقى كۈنى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ئىران جەڭ قىلىشنى خالىسا، بۇ ئىراننىڭ رەسمىي تۈگىشىشى بولىدۇ. ھەرگىزمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تەھدىت سالما» دەپ ئىرانغا تەھدىت سالغانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئاقسارايدا سۆز قىلىپ، ئىران دائىرىلىرىنى يېڭى بىر كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن كۆرۈشۈشكە چاقىرغانىدى.

ئىران لىدىرى ئايەتۇللاھ ئەلىي خامەنېي ترامپنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۈگۈنكى پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلا بولسا، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش زەھەردۇر. بۈگۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەت ئىككى قېتىم زەھەردۇر» دەپ رەت قىلغانىدى.

ترامپ خامەنىينىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن يەنە تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «ئىران قاچان تەييار بولسا، شۇ چاغدا بىزگە تېلېفون قىلىدۇ. ئۇ چاغقىچە ئىقتىسادلىرى ۋەيران بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر