ئافغانستاندا دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

ئافغانىستاننىڭ كۇنار ۋىلايىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 7 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

1206229
ئافغانستاندا دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسرات راھىمى، ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، كۇنار ۋىلايىتىنىڭ نۇرگۇل ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ناسرات راھىمى ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا دائېشنىڭ ئاتالمىش بىر قوماندانى بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 7 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە دائېشقا تەۋە قورال ياراق ۋە ئوق دورىلارنىڭمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكنى ئېيتتى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر