ئامېرىكادا بىر باي400 ئوقۇغۇچىنىڭ 40 مىليون دوللارلىق ئوقۇش پۇلى قەرزىنى تۆلىۋىتىدىغان بولدى

ئامېرىكىدا ئەسلى ئافرىقىلىق ئامېرىكا پۇقراسى ۋە ساخاۋەتچى باي روبېرت 2 ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەن 400 ئوقۇغۇچىنىڭ تەخمىنەن 40 مىليون دوللارلىق ئوقۇش پۇلى قەرزىنى تۆلەپ بېرىدىغان بولدى.

1204895
ئامېرىكادا بىر باي400 ئوقۇغۇچىنىڭ 40 مىليون دوللارلىق ئوقۇش پۇلى قەرزىنى تۆلىۋىتىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسلى ئافرىقىلىق ئامېرىكا پۇقراسى ۋە ساخاۋەتچى روبېرت ف. سىمىت «Morehouse» كەسپىي مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قېتىلىپ، ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2019يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن 400 ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۈلى قەرزىنى تۆلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئائىلەمنىڭ ۋە چوڭلىرىمنىڭ شۇنداقلا ئىسمىنى مەن بىلمەيدىغان ئەسلى ئافرىقىلىق ئامېرىكا پۇقراسى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ماڭا ئېچىپ بەرگەن يولىنى قەتئىي ئۇنتۇمايمەن. ئۇلارنىڭ ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، جاسارەتلىرى ۋە ھاياتلىرى مېنىڭ كۈرەش قىلىش ئىرادەمنى ۋە ئۇتۇقلىرىمنى ئىشقا ئاشۇردى»

يەرلىك مەتبۇئاتلانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 400 ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلى قەرزى تەخمىنەن 40 مىليون دوللارغا تەڭ كېلىدىكەن. 

«Vista Equity Partners» ناملىق سېلىنما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تەخمىنەن 5 مىليارد دوللارلىق بايلىقى بولغان روبېرت ف. سىمىت 2018يىلىدا ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي ئەسلى ئافرىقىلىق ئامېرىكا پۇقراسى بولۇپ سايلانغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر