پۇتبولچىلار ئولتۇرغان كېمە سۇغا غەرق بولۇپ كەتتى

ئۇگاندانىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئالبېرت دەرياسىدا پۇتبولچىلار ئولتۇرغان كېمە غەرق بولۇپ كېتىپ كەم دېگەندە 30 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1204623
پۇتبولچىلار ئولتۇرغان كېمە سۇغا غەرق بولۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدە كۆپ ساندا ئادەم يوقاپ كەتكەن.

بۇسېرۇكا رايونلۇق مەجلىسىنىڭ ئەزاسى گودفرېي كوماكېچ، كېمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ يولۇچى ئولتۇرغانلىقى يۈزىسىدىن غەرق بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىزدەش- قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى سايىسىدا 10 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىندى. قۇتقۇزۇلغانلار بالنىستقا ئېلىندى» دېدى.

كېمىدە جەمئىي قانچە ئادەمنىڭ بارلىقىغا دائىر مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئالبېرت دەرياسىدا 2016 – يىلى مەيدانغا كەلگەن كېمە قازاسىدا 40 تىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر