نىگېرىيەدە زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەنىڭ زاماپارا ۋىلايىتىگە قاراشلىق گىدان كاسو ۋە دان دامبو رايونلىرىدا زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ 17 ئادەم ئۆلدى.

1204507
نىگېرىيەدە زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا قوراللىق ھۇجۇم مەيدانغا كېلىپ 17 ئادەم ئۆلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، زاماپارا ۋىلايىتىگە قاراشلىق گىدان كاسو ۋە دان دامبو رايونلىرىدا موتسىكلىتلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ھۇجۇم سادىر قىلىنغان.

زوراۋانلار گىدان رايونىدا 7 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، ھەتتا جەسەتلەرنىڭ ئېلىپ كېتىلىشىگىمۇ رۇخسەت قىلمىغان. 

دان دامبو رايونىدىكى ھۇجۇملاردىمۇ 10 ئادەم ئۆلۈپ نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.

نىگېرىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان موتسىكلىتلىق زوراۋانلارنىڭ ھۇجۇم سادىر قىلىپ كېلىشى تۈپەيلى، بەزى ۋىلايەتلەردە موتسىكلىت ھەيدەش چەكلەنگەنىدى.

تېخى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى بىر ئوچۇم موتسىكلىتلىق زوراۋان 20 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر