ئامېرىكا ئىراقتىن كەچۈرۈم سورىدى

ئامېرىكا، ئۆتكەن ئاي ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كەركۈكتە بىر ھەربىي ئاپتوموبىلغا خاتا ھالدا ھاۋادىن زەربە بەرگەنلىكى ئۈچۈن باغداد دائىرىلىرىدىن كەچۈرۈم سورىدى.

1203916
ئامېرىكا ئىراقتىن كەچۈرۈم سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق فېدېراتىپ ساقچى قوماندانلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جوئې خودنىڭ پايتەخت باغدادتىكى فېدېراتىپ ساقچى قوماندانلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خود، 24 – ئاپرېلدا ئېلىپ بېرىلىپ بىر ساقچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، 2 ساقچىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتا ھۇجۇم يۈزىسىدىن ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى ۋە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى يەتكۈزدى.

ئىتتىپاقداش كۈچلەر قارمىقىدىكى ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ 24 – ئاپرېلدا كەركۈكتە فېدېراتىپ ساقچى قوماندانلىقىنىڭ بىر ھەربىي ئاپتوموبىلىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 1 ساقچى ئۆلگەن، 2 ساقچى يارىلانغانىدى.

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىش 2014 – يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئىتتىپاق سېپىدە ئىراقتا 5 مىڭ ئەتراپىدا ئامېرىكا ئەسكىرى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر