يەمەندە خۇسىيلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئەددالى ۋىلايىتىگە قاراشلىق قۇتۇبا ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا بىر قۇماندان بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي 80 نەپەر خۇسىي مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيەسىگە تەۋە «September Net» تورىدىكى خەۋەردە، خەلق پارتىزانلىرى تەرىپىدىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىنىۋاتقان ھەربىي قىسىملارنىڭ ئەددالى ناھىيەسىدە ئىلىگىرىلەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
قۇتۇبا ناھىيەسى خۇسىيلاردىن قايتۇرۇپ ئېلىنغان بولۇپ، توقۇنۇشلاردا ئەسسەنھانى ئىىسملىق خۇسىي قوماندىنى بىلەن بىرگە جەمئىي 80 نەپەر خۇسىي مىلىتانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە يەنە ئونلىغان خۇسىينىڭ يارىدار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھۆكۈمەت ئارمىيەسى يەنە، خۇسىيلارغا تەۋە نۇرغۇن ساندا ھەربىي ئاپتوموبىل، قورال ۋە ئوق – دورىلارنى قولغا چۈشۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.