ئەنگلىيە قوش نوپۇسلۇق پۇقرالىرىنى ئىراندا ساياھەتتە بولماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

ئەنگلىيە قوش نوپۇسلۇق شۇنداقلا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە ئورگانلار ئۈچۈن ئىشلەيدىغان تېگى ئىرانلىق پۇقرالىرىنى ئىراندا ساياھەتتە بولماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

1203550
ئەنگلىيە قوش نوپۇسلۇق پۇقرالىرىنى ئىراندا ساياھەتتە بولماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى قارارىنىڭ، قوش نوپۇسلۇق شۇنداقلا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە ئورگانلار ئۈچۈن ئىشلەيدىغان تېگى ئىرانلىق پۇقرالىرىغا قارىتا ئىران ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خالىغانچە نازارەتكە ئېلىش ۋە ناچار مۇئامىلىگە دۇچار قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن ماقۇللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «ئەنگلىيە پۇقرالىرى بولۇپمۇ قوش نوپۇسلۇق پۇقرالار نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا سېلىشتۇرغاندا قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان شەكىلدە خالىغانچە قولغا ئېلىش ۋە ناچار مۇئامىلىگە دۇچار قىلىش خەۋپىگە كۆپرەك ئۇچرىماقتا» دېيىلدى. ھەمدە ئىران خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئەنگلىيە ئورگانلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار كىشىلەردىنمۇ گۇمانلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، ئىران قوش نوپۇسنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن ناۋادا نازارەتكە ئېلىنغان تەقدىردە ئەنگلىيەنىڭ قولىدىن كېلىدىغانلىرىمۇ چەكلىك ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېرېمىي ھانتمۇ قوش نوپۇسلۇق پۇقرالارنىڭ ئىراندا زىيارەتتە بولغان ئەھۋالدا ناچار مۇئامىلىگە ئۇچراش خەۋپىگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئەنگلىيە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانچىلىغان قېتىم پۇرسەت سۇنغان بولسىمۇ، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بارغانچە ناچارلىشىپ كەتتى. باشقا بارلىق تاللاشلار تۈگىگەنلىكى تۈپەيلى ئەمدىلىكتە قوش نۇپۇسلۇق پۇقرالىرىمىزنىڭ ئىراندا زىيارەتتە بولماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىشقا مەجبۇرمىز» دېدى.

ئەنگلىيەنىڭ ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى قارارى، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگلىيە كونسولىدا ئىشلەيدىغان بىر ئىرانلىقنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن ماقۇللاندى. 

 

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر