ئامېرىكا - خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا قانچىلىك زېيىنى بولىدۇ؟

خىتاي خەلق سىياسىي كېڭىشى باشلىقى ۋاڭ ياڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ ئاران %1 بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

1203411
ئامېرىكا - خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا قانچىلىك زېيىنى بولىدۇ؟

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى مەسلىھەت مىخانىزمى سۈپتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي خەلق  سىياسىي كېڭىشى باشلىقى شۇنداقلا خىتاي كوممۇنستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 7 ئەمەلدارىنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدىغان ۋاڭ ياڭ، ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ يىللىق كۆرسىتىدىغان زېيىنىنى ھېسابلاپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ھېسابقا ئاساسلانغاندا، ئەڭ يامان ئېھتىمال بويىچە بولغاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۆرسىتىدىغان زىيىنىنىڭ كۈتۈلگىەندىن تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى داۋا قىلغان ۋاڭ ياڭ، ئومۇمىي زىياننىڭ بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ %1 پىرسەنتىگە ئاران توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋاڭ ياڭ ئامېرىكىنىڭ سودا ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ ئازابقا چۆكۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، خىتاينىڭ ئىرادىسىغا سەل قارىغانلىقىنى ئېيتتى. 

بىراق %1 لىك بۇ تەخمىنگە تونۇلغان ئىقتىسادشۇناشلار گۇمان بىلەن قارىماقتا.  

خىتاي ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى باشلىنىپ بىر يىلغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان بىر مەزگىلدە خەلقئارا بازارلار ئالدىنقى ھەپتىلەردە تامۇژنا بېجى تالاش تارتىشلىرىغا شاھىت بولغان ئىدى.

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لىيۇ خى ۋاشىنگىتوندا قاتناشقان سودا مۇزاكىرلىرىدىن قۇرۇق قول قايتقاندىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سودا مۇزاكىرىلىرىنىڭ نەتىجىسىز ئۆتكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ، 8مايدا 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتىغا قويۇلۇۋاتقان ئەسلىدىكى %10 لىك باجنى %25 كە چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 

خىتاي دائىرىلىرىمۇ ترامپنىڭ باياناتىدا جاۋاپ ئورنىدا مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئامېرىكىدىن ئېمپورت قىلىنغان 60 مىليارد دوللارلىق 5 مىڭدىن كۆپرەك مەھسۇلات تۈرىگە %5 تىن %25 كىچە تامۇژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ باجلارنىڭ 1 ئىيۇندىن ئېتىبارەن رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. 

خىتاي مارت ئېيىدا ئۆتكۈزگەن ئەمۇمىي كېڭەش يىغىنىدا بۇ يىللىق ئىقتىسادى تەرەققىيات تەخمىنىنى %6 بىلەن %6.5 ئارىسىدا بولىدۇ دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 30 يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ تۆۋەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىسبىتى ھېسابلىنىدىكەن. يەنى خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئېشىشى 30 يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ نامايەندىسى دەپ قارالماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر