ئافغانىستاندا ناتو قىسىملىرى 8 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ھېلماند ۋىلايىتىدە 8 ساقچى ئۆلدى.

1203186
ئافغانىستاندا ناتو قىسىملىرى 8 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ھېلماند ۋىلايىتىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 8 ساقچى ئۆلدى.

ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، تالىبان كۈچلىرىنىڭ ھېلماند ۋىلايىتىنىڭ نەھرى سەراج ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا توقۇنۇش ئەسناسىدا ساقچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن رايونغا كەلگەن ناتو ئايروپىلانلىرىنىڭ رايوننى بومباردىمان قىلغانلىقى، بومباردىماندا 8 ساقچىنىڭ ئۆلۈپ 15 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە بومباردىماندا تالىباننىڭ نۇرغۇن ئەزاسىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ھۇجۇم ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھېلماند ۋىلايىتى شۇرا باشلىقى ئاتاۋۇللا ئافغان، ناتونىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمىدا 17 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر