ئامېرىكا پ ك ك  غا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى كۈرەش ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى  بىرىگادا گېنېرالى كرىس گايكا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى گۇماشتىسى ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلارنى تەربىيەلەۋاتقانلىقلىنى ئېتىراپ قىلدى.

1201624
ئامېرىكا پ ك ك  غا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەلىك بىرىگادا گېنېرالى گايكا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا چاقىرىلغان تېلېۋىزىيە يىغىنىدا، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا مۇقىملىق ئورنىتىش پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق سىياسىي مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن گايكا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاۋىدە ۋەكىلى جەميس جېفرېينىڭ بۇ ھەقتە تۈركىيە ۋە س د گ ئىسمىنى ئىشلىتىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك بىلەن سۆھبەت  ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ س د گ ئىسمىنى ئىشلىتىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك رامكىسى ئاستىدا 40 مىڭ كىىشلىك «خەۋپسىزلىك كۈچى» نىڭ تەربىيەلىنىشىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەن گايكا، مۇنداق دېدى: «سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا قانچىلىك س د گ ئەزاسىنى تەربىيەلىگەنلىكىمىز ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيمەن، چۈنكى سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالى ناھايىتى سەزگۈر بىر جاي. بىراق، شۇنى ئېيتالايمەنكى،  بىر تەربىيەلەۋاتقان س د گ ئەزالىرىنىڭ سانى 30 – 40  مىڭغا يېتىدۇ.»

ئۇ، ھازىرغىچە تەربيەلەنگەن س د گ ئەزالىرىنىڭ سانىنىڭ قانچىگە يېتىدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە بىز تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن س د گ ئەزالىرىنىڭ سانى 10 – 20 مىڭغا يېتىدۇ. بۇ سان ئاستا – ئاستا كۆپىيىۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر