نىگېرىيەدە پارتلاش يۈز بەردى

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام تەرىپىدىن يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان مىنانىڭ ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ ئۆتۈشى جەريانىدا پارتلىشى نەتىجىسىدە 5 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1201756
نىگېرىيەدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام بورنو ئۆلكىسىگە قاراشلىق دامبوئا شەھىرى ئەتراپىدا يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان مىنا ھەربىي ئاپتوموبىلنىڭ ئۆتۈشى جەريانىدا  پارتلىغان. پارتلاشتا 5 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا ئەسكەر يارىلانغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام يېقىندىن بۇيان ھەربىيلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتكەن.

تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ ئۆتكەن ھەپتە بورنو ئۆلكىسىگە قاراشلىق ماگۇمېرى يېزىسىدا ھەربىي كونتىرول نۇقتىسىغا قىلغان قوراللىق ھۇجۇمىدا 5 ئەسكەر قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر