ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشى ئەمەس

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى مۇبالىغىلەشتۈرمەسلىك لازىملىقىنى ۋە بۇنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

1201173
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشى ئەمەس

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىغا سەلىبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىمىترىي پېسكوۋ موسكۋادا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇزاكىرىلىرىدىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن جىددىيچىلىكلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىغا سەلىبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دىمىترىي پېسكوۋ، «بۇ تەسىر سەلىبى بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇ ئۇرۇشنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىمۇ مۇبالىغىلەشتۈرمەسلىك لازىم. ئىقتىسادىمىز بەلكىم خالىغىنىمىزدەك تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلمايۋاتقان بولىسىمۇ، يېتەرلىك دەرىجىدە مۇقىملىق بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە» دېدى.

رۇسىيەنىڭ بۇ سودا ئۇرۇشىغا قارىتا تاشلايدىغان قەدەملىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا ئۇرۇشىغا كىرىشىپ كېتىشى مۇمكىن، بىراق بۇ بىزنىڭ ئۇرۇشىمىز ئەمەس. دۆلىتىمىز خىتاي ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى مۇستەقىل ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۆڭۈل بولىدۇ» دېدى.

دىمىترىي پېسكوۋ ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان بېسىم سىياسىتىنىمۇ تەنقىد قىلىپ، «ئىراننى بۇلۇڭغا قىستاش خاراكتېرلىق بۇ سىياسەت نەتىجە بەرمەيدۇ. دەل ئەكسىچە مۇزاكىرە ۋە ھەل قىلىش باسقۇچىنى توڭلىتىپ قويۇش نۇقتىسىغا ئاپىرىپ قويىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر