سەئۇدى ئەرەبىستاندا 2 نېفىت تارقىتىش ئىستانسىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىندى

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى مەملكەتتىكى 2 نېفىت تارقىتىش ئىستانسىسىغا ئۇچقۇچىسىز ئاپپىرات بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1201117
سەئۇدى ئەرەبىستاندا 2 نېفىت تارقىتىش ئىستانسىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە، سانائەت ۋە كان بايلىقلىرى ئىشلىرى مىنىستىرى خالىد ئەل فالىھ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي ئاگېنتلىقى «SPA» دا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، «ئەتىگەن تەرەپتە رايوننىڭ غەربىي ساھىلىدىكى تېفىت تۇرۇببا لىنىيەسىگە تەۋە 2 نېفىت تارقىتىش ئىستانسىسىغا ئۇچقۇچىسىز ئاپپىرات بىلەن ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىندى» دېدى.

خالىد ئەل فالىھ ھۇجۇمدىن كېيىن 8نۇمۇرلۇق نېفىت ئىستانسىسىغا ئوت كەتكەنلىكىنى ۋە ماددىي زىيانلارنىڭ كۆرۈنگەنلىكىنى تەكىتلەپ، دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى «سەئۇدى ئارامكو» نىڭ تۇرۇببا لىنىيەسىدىكى نېفىتنىڭ ئېقىشىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خالىد ئەل فالىھ ھەتتا نېفىت ئېقىشىنىڭ نۇرمال ھالغا كېلىشى ئۈچۈن زىيانلارنى بايقاپ چىقىش خىزمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىستانسىلارنى رېمۇنت قىلىش خىزمەتلىرىنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بىراق سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر خالىد ئەل فالىھ يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلارغا قىلىنىۋاتقان بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ يالغۇز سەئۇدى ئەرەبىستاننىلا ھۇجۇم نىشانى قىلمىغانلىقىنى، بەلكى يەر شارى ئىقتىسادىنى ۋە دۇنيا نېفىت ئېقىشىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ خىل ھۇجۇملار يەمەندە ئىران قوللاۋاتقان خۇسىيلار قاتارلىق تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئېيتتى.

خۇسىيلارغا تەۋە ئەل مەسىرە قانىلىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى 7 مۇھىم نۇقتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە، سانائەت ۋە كان بايلىقلىرى ئىشلىرى مىنىستىرى خالىد ئەل فالىھ يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئائىت دېڭىز تەۋلىكىگە يېقىن جايدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2 نېفىت توشۇغۇچى پاراخوتىغا زىيانكەشلىك قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىمۇ شۇ رايوندا ئوخشاش بولىغان دۆلەتلەرگە تەۋە 4 سودا تېرانسپورت پاراخوتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر