ئىراننىڭ سۈرىيەگە نېفىت ئېكسپورت قىلىشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكادىكى « CNBC » تېلېۋىزىيە قانىلى ئىراننىڭ سۈرىيەگە نېفىت ئېكسپورت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1198904
ئىراننىڭ سۈرىيەگە نېفىت ئېكسپورت قىلىشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرى تۈپەيلى نېفىت ئېكسپورتىدا كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن ئىراننىڭ، سۈرىيەگە نېفىت ئېكسپورت قىلىشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكادىكى « CNBC » تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نېفىت ماشىنىلىرىنى كۆزىتىش شىركەتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىدە، ئىراننىڭ ماي ئېيىنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بانياس پورتىغا تەخمىنەن 1 مىليون ۋارىل خام نېفىت يۆتكىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە بۇ يىل ئىچىدە ئىراننىڭ سۈرىيەگە تۇنجى قېتىم نېفىت يۆتكىگەن بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى، نېفىت توشىغان ئىران ماشىنىلىرىنىڭ يول كۆرسەتكۈچلىرىنى تاقىۋەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

نېفىت ماشىنىلىرىنى كۆزىتىش شىركىتى ئىراننىڭ بۇرۇن سۈرىيەگە ئايدا 3 مىليون ۋارىل نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغانلىقىنى،  لېكىن ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرى تۈپەيلى، 2018-يىلى نېفىت ئېكسپورتىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھاكىمىيىتى بۇلتۇر مايدا ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمدىن چېكىنپ چىقىپ، تېھرانغا قايتىدىن ئېمبارگو قويۇشقا باشلىغانىدى.

ئىراننىڭ نېفىت ئېسكپورتىنى پۈتۈنلەي توختىتىشنى نىشان قىلغان ئامېرىكا، ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلماسلىق ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ: #ئامېرىكا , #CNBC

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر