ماكرون رۇسىيەنىڭ ياۋروپا كېڭىشىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا كېڭىشىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1196440
ماكرون رۇسىيەنىڭ ياۋروپا كېڭىشىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېمانۇئېل ماكرون ئېلېسې سارىيىدا ياۋروپا كېڭىشى باش كاتىپى توربجورن جاگلاند بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ياۋروپا كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ماكرون، «رۇسىيەنىڭ ياۋروپا كېڭىشىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى خالايمەن. ياۋروپا كېڭىشى ۋە رۇسىيەنىڭ بىر – بىرىگە ئېھتىياجى بار» دېدى.

ئۇ، رۇسىيە ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ بىر – بىرلىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنىمۇ ئادا قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

جاگلاندمۇ ياۋروپا كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كېڭەشنىڭ ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ رايوندا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيەنىڭ 2014 – يىلى قىرىمنى ئىشغال قىلىۋېلىشىدىن كېيىن، رۇسىيە ھەيئىتىنىڭ ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىدىكى بېلەت تاشلاش ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغانىدى.

رۇسىيەمۇ بۇ جازاغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 2016 – يىلىدىن باشلاپ ياۋروپا كېڭىشىگە ھەيئەت ئەۋەتمەسلىكنى قارار قىلغان، شۇنداقلا كېڭەشكە تۆلەيدىغان يىللىق 33 مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى خامچوت ياردىمى پۇلىنى تۆلەشنى رەت قىلغانىدى.

2017 – يىلىدىن بۇيان خامچوت ياردىمى پۇلىنى تۆلىمىگەن رۇسىيەنىڭ، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، كېڭەشنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى بولغان مىنىستىرلار كومىتېتى تەرىپىدىن ئەزالىقتىن چىقىرىپ تاشلىنىش ئېھتىمالى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر