دائېش كەركۈكتە 2 ساقچىنى ئۆلتۈردى
ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە فېدېراتسىيە ساقچى قىسمىغا تەۋە بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تەرىپىدىن قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 2 ساقچى ئۆلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال سائاد ھەربىيە، «كەركۈكنىڭ غەربىي شىمالىدىكى فېدېراتسىيە ساقچى قىسمىغا تەۋە بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىندى. ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 2 ساقچى ئۆلدى» دېدى.
ئاپتوماتىك ۋە يېنىك قوراللار بىلەن 5 تىن 8 گىچە دائېش ئەزاسىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدىن كېيىن، رايوندا ھەربىي ھەرىكەت باشلانغانلانغانلىقى ۋە 2 تېررورچىنىڭ يارىدار ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش 2014 – يىلى ئىيۇن ئېيدا مۇسۇل قاتارلىق ئىراق زېمىنىڭ ئۆچتەن بىر قىسمىنى ئىشغالىيىتى ئاستىغا كىرگۈزىۋالغان بولۇپ، ئىراق قىسىملىرى 2017 – يىلى دېكابىردا بارلىق رايونلارنى دائېشتىن تارتىپ ئالغان ئىدى.
دائېشنىڭ شەھەر مەركەزلىرى ۋە باشقا ئولتۇراق رايونلارغا ھۇجۇم قىلىش تەھدىتى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، دائېش يىزا - قىشلاقلاردا پات - پات ۋەقە تۇغدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.