ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەگە ئەمەس غەززەگە نەسىھەت قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكلى فېدېرىكا موگېرىنى غەززەنى ئىسرائىلىيەگە راكېتامىيوت ئېتىشنى توختىتىشقا چاقىردى.

1195390
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەگە ئەمەس غەززەگە نەسىھەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنىۋاتقان غەززەنى، ئىسرائىلىيەگە راكېتامىيوت ئېتىشنى توختىتىشقا چاقىردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكلى فېدېرىكا موگېرىنى، ئىسرائىلىيە بىلەن غەززە ئوتتۇرىسىدا بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان سۈركىلىشلەر توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «غەززەدىكى پەلەستىنلىك قوراللىق كۈچلەر ئىسرائىلىيەگە راكېتامىيوت ئېتىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.»

ئىسرائىلىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرگەن موگېرىنى، پەلەستىنلىك قوراللىق كۈچلەر ئاتقان راكېتامىيوتلارنىڭ ئىسرائىلىيە خەلقىگە «تەرىپلىگۈسىز دەرىجىدە»ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

فېدرىكا موگېرىنىنىڭ باياناتىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن پەلەستىنلىكلەر ئۈستىدە توختالماسلىقى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

غەززەدە ئۆتكەن جۈمە كۈنى بىر پەلەستىنلىكنىڭ ئىككى ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى يارىلاندۇرۇشى نەتىجىسىدە رايوننىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلىدۇ،  غەززەدىكى پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىمۇ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئىسرائىلىيەگە راكېتامىيوت ئاتىدۇ.

بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۈلۈشكۈن مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە نۇرغۇن راكېتامىيوت ئېتىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ، غەززەنى قاتتىق بومباردىمان قىلغانىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر