ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن ئەتىگەندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 7 پەلەستىن شېھىت بولدى، يارىلانغانلار سانى 43 كە يەتتى.

1195241
ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە كۈچلىرى غەززەنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىنى ھاۋادىن بومباردىن قىلماقتا، زەمبىرەكچى قىسىملىرى بولسا، شەھەرنىڭ مۇئەييەن جايلىرىنى ئوققا تۇتماقتا. ئاقدېڭىز تەرەپتىنمۇ ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلارنى ئىشلىتىپ غەززە پورتى ۋە ئەتراپىدىكى بەزى جايلارغا ھۇجۇم قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززە تەرەپتىن تۈنۈگۈن كۆپ ساندا راكېتامىيوت ئېتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ رايونغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر