ئامېرىكا ئىران بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقان دۆلەتلەرگە بېرىلگەن مۆھلەتنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىران بىلەن پۇقراۋى يادرو پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىتا «ئېمبارگولاردىن كەچۈرۈم قىلىنىش» نىشان قىلىنغان مۆھلەتنىڭ مۇددىتىنى يەنە 90 كۈن ئۇزارتتى.

1195010
ئامېرىكا ئىران بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقان دۆلەتلەرگە بېرىلگەن مۆھلەتنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، 2015 – يىلى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدە، ئىران بىلەن پۇقراۋى يادرو پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا رۇخسەت قىلىنغان 4 دۆلەتكە قارىتا «ئېمبارگولاردىن كەچۈرۈم قىلىنىش» نىشان قىلىنغان مۆھلەتنىڭ مۇددىتى يەنە 90 كۈن ئۇزارتىلغان.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئىلگىرىكى مەزگىللەردە 180 كۈن بولغان مۆھلەتنىڭ مۇددىتى 90 كۈنگە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن، ئىرانغا قارىتىلغان بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىش نىشان قىلىنىدىكەن.

بۇ دائىرىدە، رۇسىيە، خىتاي، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىران بىلەن پۇقراۋى يادرو پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە 2015 – يىلدىن بۇيانقى پىلان – لايىھەلىرىنى داۋاملاشتۇرالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 4 – مايدىن ئېتىبارەن ئىراننىڭ بۇشەھىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ مەۋجۇت رېئاكتور مۇئەسسەسەسىنىڭ سىرتىدا كېڭەيتىلىشىنى قوللاش نىشان قىلىنغان پائالىيەتلەرگە چەكلىمە قويۇلىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قويۇقلاشتۇرۇلغان ئۇراننىڭ ئىران سىرتىغا چىقىرىلىشىغا قارىتا پائالىيەتلەرمۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرىنىڭ دائىرىسىگە كىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

ئىرانغا قاراتقان بېسىمنى كۈنسېرى كۈچەيتىۋاتقان ترامپ ھۆكۈمىتى، ئۆتكەن ھەپتە ئىلگىرى ئىران نېفىت ئېمبارگولىرىدىن كەچۈرۈم قىلىنغان 8 دۆلەتكە قارىتا يېڭى كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقى بېرىلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى ئارقىلىق «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراندىن نېفىت ئېلىشقا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى نىشان قىلىدىغان قارارىدىن 2 – مايغىچە 180 كۈن مۆھلەت بېرىلگەن» خىتاي، ھىندىستان، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، تەيۋەن، تۈركىيە، ئىتالىيە ۋە گىرېتسىيە قاتارلىق ئەللەرگە بېرىلگەن مۆھلەتنىڭ مۇددىتى ئاخىرلاشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر