ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى گاۋىن ۋىليامسون خۇاۋېيغا چېتىلىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى گاۋىن ۋىليامسوننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە، خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مەخپىي ئۇچرىشىشلارنىڭ تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىنىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1193547
ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى گاۋىن ۋىليامسون خۇاۋېيغا چېتىلىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاۋىن ۋىليامسوننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەنگلىيە باش ۋەزى تىرېسا مېينىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى گاۋىن ۋىليامسونغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ: «ئىنتايىن قايغۇرۇش ئىچىدە سىزگە تولۇق ئىشىنەلمەيدىغانلىقىم خۇلاسىسىگە باردىم» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئاياللار ۋە باراۋەرلىك مىنىستىرى پېنني مورداۋنتنىڭ دۆلەت مىنىسقتىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىدا، ھۆكۈمەتنىڭ 5G ئىنتېرنېت تورىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن خۇاۋېي شىركىتىگە چەكلىك دائىرىدە رۇخسەت قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. ئارقىدىنلا ھۆكۈمەت ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرى بۇ خەۋەرلەرنىڭ قانداق ئاشكارىلانغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان ئىدى.

ئەنگلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھەپتىلىك يىغىنىنى باش ۋەزىرنىڭ باشچىلىقىدا، ھەر قايسى مىنىستىرلار، قوراللىق قىسىملار ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئاچىدۇ.

ھازىرغىچە، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ 5G تورىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە ئۈستىگە ئالالايدىغان رولى ھەققىدە ھېچقانداق رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىدى، بىراق بۇ ھەقتە ئاخىرقى قارارنىڭ باھار ئايلىرىنىڭ ئاخىرىدا چىقىرىلىشىنىڭ پىلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر