ئەسەد قىسىملىرى تۇرالغۇ جايلارنى بومباردىمان قىلدى

ئەسەد قىسىملىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى ئىدلىبتىكى تۇرالغۇ جايلارنى بومباردىمان قىلدى.

1191699
ئەسەد قىسىملىرى تۇرالغۇ جايلارنى بومباردىمان قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى «ئىدلىبتە توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونلىرى»دائىرىسىدىكى تۇرالغۇ جايلارغا ھەم ھاۋادىن ھەم قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغىدى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئىران يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقان تېررورچىلاردىن تەشكىل تاپقان قوراللىق كۈچلەر، «ئىدلىبتە توقۇنۇشتنى پەسەيتىش رايونلىرى»دائىرىسىدىكى ئەل ھۇۋەيز، ئەل ھۇۋەيجە، ئەل تۇۋەينە، جىسىر بەيت ئەر راس ۋە ئەل قىرقاتا يېزىلىرى،شۇنداقلا لاتامنە ۋە مادىك ناھىيەلىرىگە راكېتامىيوت، توپ ئوقلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

بۇنىڭدىن سىرت، ھامانىڭ غەربىدىكى مادىل ۋە كۇرى رايونلىرى بومباردىمان قىلىندى.

ھۇجۇمدا ھامادىكى لاتامنە رايونىدىكى بىر سەھىيە ئورنى، جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى ۋە ئاياللار دوختۇرخانىسى زىيانغا ئۇچرىدى.  

ئۆكتىچىلەر مادىك ۋە كۇرى يېزىلىرىنى لازىقىيەدىكى ھىمەيمىن ھەربىي بازىسىدىن قوزغالغان رۇسىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىدلىب ۋە ھاما ۋىلايەتلىرىدىكى تۇرالغۇ جايلارغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا بىر ھەپتە ئىچىدە 18 ئادەم ئۆلدى.

ئەسەد قىسىملىرى تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا بۇ رايونلاردا ئوق چىقىرىشنى توختىتىش ئۈچۈن 2018-يىلى 17-سېنتەبىردە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە زىت ھالدا، بۇ رايونلارغا ھۇجۇم قىلماقتا.

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھامىيسى بولغان رۇسىيەنىڭ ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتى بار ئىدى، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى سوچى كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن 2018-يىلى 10-ئۆكتەبىردە رايوندىن ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنى قايتۇرۇپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر