پەلەستىن مالىيە كىرىزىسىغا دۇچ كەلدى

ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى مالىيە جەھەتتىن قىيىن ئەھۋالدا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

1190193
پەلەستىن مالىيە كىرىزىسىغا دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە كوردىناتورلۇق ئىشخانىسى(UNSCO) ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە تەئەللۇق باجلارنى، تۈرمىدىكىلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە ۋە شېھىت ئائىلىلىرىگە بېرىلىۋاتقان مائاشلارنى سەۋەب قىلىپ، تۇتۇپ قېلىش قارارىدىن كېيىن باشلانغان مۇساپىنىڭ، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى ئېغىر مالىيە كىرىزىسى تەھدىتىگە دۇچار قىلغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ب د ت ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە كوردىناتورلۇق ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، مالىيە كىرىزىسىنىڭ پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى خەۋپسىزلىك ۋە سىياسىي قىيىنچىلىقلارغىمۇ دۇچار قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ باجلار تولۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقىلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى قارارى چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارار سەۋەبىدىن كىرىمىدە %65 تۆۋەنلەش كۆرۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

پەلەستىن دۇچ كېلىدىغان مالىيە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىنىڭ بىر قانچە يىللارغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، ھەر ئىككى تەرەپكە مەزكۇر كىرىزىسنى بالدۇرراق ھەل قىلىش چاقىرىق قىلىندى.

ئىسىرائىلىيە خەۋپسىزلىك كابېنتى 2019-يىلى 17فېۋرال پەلەستىن ھۆكۈمىتى نامىدا توپلىغان باجلاردىن پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىدىكىلەرنىڭ ئائىلىلىرى ۋە شېھىت ئائىلىلىرى ئۈچۈن ئاجرىتىدىغان 11.3 مىليون دوللارنى تۇتۇپ قېلىشنى قارار قىلغان ئىدى.

پەلەستىن ھۆكۈمىتى مەزكۇر قاراردىن كېيىن، باجلار تولۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باجنىڭ باشقا قىسمىنى ئالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى 1994-يىلى ئىسىرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «پارىژ ئىقتىسادىي كېلىشىمى» بويىچە، ھەر يىلى كونترولى ئاستىدىكى چېگرا ئېغىزلىرىدىن پەلەستىنلىكلەر نامىغا توپلىغان 2 مىليارد دوللارنى پەلەستىن خەزىنىسىگە ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر