ئافغانىستاندا 3 ئاي ئىچىدە 581 بىگۇناھ پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم گۇرۇپپىسى «UNAMA» 2019 – يىلنىڭ دسلەپكى 3 ئېيىدا 581 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم گۇرۇپپىسى «UNAMA» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 2019 – يىلنىڭ دەسلەپكى 3 ئېيىدا 581 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا 150 كىچىك بالىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا يەنە، ئۆلگەنلەردىن %39 نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىبان قىلغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن، %12 نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش قىلغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن، %17 نىڭ ھۆكۈمەت قىسىملىرى قىلغان ھۇجۇملار سەۋەبىدىن، %13 نىڭ ئافغانىستاندىكى چەت ئەل قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ۋە قالغان قىسمىنىڭ بولسا، باشقا ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى ۋە شۇلارنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبنىڭ توقۇنۇش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، يەنە بىر مۇھىم سەۋەبنىڭ بومبا ھۇجۇملىرى ۋە ئادەم بومبا ھۇجۇملىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى تۇپەيلىدىن 799 بىگۇناھ پۇقرا ئۆلگەن ئىدى.