رۇسىيە ئامېرىكانىڭ ئىران قارارىنى تەنقىد قىلدى

رۇسىيە ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارىتىلغان نېفىت ئېمبارگولىرىدىن كەچۈرۈم قىلىنغان 8 دۆلەتكە قايتىدىن كەچۈرۈم ھەققى بەرمەسلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1188751
رۇسىيە ئامېرىكانىڭ ئىران قارارىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان نېفىت ئېمبارگولىرىدىن كەچۈرۈم قىلىنغان 8 دۆلەتكە قايتىدىن كەچۈرۈم ھەققى بەرمەسلىكىنى قارار قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراننىڭ نېفىتتىن كېلىدىغان كىرىم مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تېھراننىڭ مۇستەقىل ھالدا يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى ئامېرىكانى بىئارام قىلماقتا، چۈنكى ئىران ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا نوپۇز تىكلىشىگە توسالغۇ بولۇپ كەلمەكتە.»

ئامېرىكانىڭ بۇ قارارى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «ۋاشىنگىتون پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئۆزىگە بويۇن ئېگىشىنى خالايدۇ، پۈتۈن دۆلەتلەر ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو تەھدىتى سەۋەبلىك بۇ يىل 2-مايدىن باشلاپ ئىراندىن نېفىت ئېسكپورت قىلىشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر