مېكسىكىدا تۇتۇپ كېتىلگەن شەھەر باشلىقىنىڭ جەسىتى تېپىلدى
مېكسىكىدا تۈنگۈن ئەتىگەن كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن شەھەر باشلىقىنىڭ بىر قانچە سائەتتىن كېيىنلا جەسىتى تېپىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكىكانىڭ مىچوگان ئۆلكىسىگە قاراشلىق ناھۇتزېن شەھەر باشلىقى داۋىد ئېدۇئاردۇ ئولىۋا ئاۋېلېسنىڭ كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە كېيىن جەسىتى تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مىچوگان باش تەپتىش ئىدارىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئاۋىلېسنىڭ تۈنگۈن ئەتىگەندە كىملىكى نامەلۇم كىشىلە تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە بىر قانچە سائەتتىن كېيىن جەسىتى تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئاۋىلېسنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە دائىر تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
مېكسىكادا ئالدىنقى يىلىمۇ جالىسكو ئىشتاتىغا قاراشلىق تېجالىتلان شەھىرى باشلىقى ۋىكتور دىئاز كونترېراس قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلگەن ئىدى.
مېكسىكادا 2006 – يىلىدىن بۇيان جەمئىي 60 تىن كۆپرەك شەھەر باشلىقلىرى تەشكىللىك جىنايەتچى گۇرۇپىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
مېكسىكادا ئالدىنقى يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت ۋە پالاتا ئەزالىرا سايلىمى سەپەرۋەرلىكى جەريانىدا 133 سىياسەتچى جىنايەت قۇربانى بولغان ئىدى.