جەنۇبىي ئافرىقادىكى ئاپەتتە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى
جەنۇبىي ئافرىقادا كەلكۈن ۋە يەر ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى.
1188907
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقاغا قاراشلىق كۋازۇلۇ-ناتال ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن شىددەتلىك ھۆل-يېغىن نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن يەر ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ھادىسىسىدە 37 ئادەم قازا قىلدى.
كۋازۇلۇ-ناتال ۋالىيسى نومۇسا دۇبە نكۇب، ۋىلايەت مىقىياسىدا ئىككى كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك ھۆل-يېغىن ۋە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ يەر ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاپەتتە 37 ئادەمنىڭ قازا قىلىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتقان دۇبە نكۇب، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
جەنۇبىي ئا فرىقا مۇاداپىئە قىسىملىرى قوماندانلىقى، ئاپەت رايونىغا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئالاقىدار مەسئۇللار قازا قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.