سىرىلانكىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

سىرىلانكىدا پاسخا بايرىمى كۈنىدە چېركاۋ ۋە مېھمانسارايلار نىشان قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 321 گە يەتتى.

1188493
سىرىلانكىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىرىلانكىدا چىقىدىغان  «‹ DailyMirror › گېزىتى»نىڭ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى باياناتچىسى رۇۋان گۇناسېكارانىڭ باياناتلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى پاسخا بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىملىرى جەريانىدا چېركاۋ ۋە مېھمانسارايلارغا قىلىنغان بومبىلىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 290 دىن 321 گە يەتكەن.

ئاختۇرۇپ – تۇتۇش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا ھازىرغىچە 40 گۇماندار قولغا چۈشكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھممىسى سىرىلانكىلىق ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 45 بالىنىڭمۇ جېنىغا زامىن  بولغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغان.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر