مالايشىيا باش مىنسىتىرى خىتاي بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتھىر مۇھەممەد مالايشىيا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

1187865
مالايشىيا باش مىنسىتىرى خىتاي بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتھىر مۇھەممەد، مالايشىيانىڭ خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى سودا مەركىزى بولالايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان باش مىنىستىر ماھاتھىر، مالايشىيا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ماھاتھىر باش مىنسىتىر بولغاندىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر ماھاتھىر خىتاينىڭ رايونلۇق سىياسىتى توغرۇلۇق كۆز قارىشىنى بېيجىڭدا چاقىرىلىدىغان «بىر بەلباغ ۋە بىر يول»مۇنبىرىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«بىر بەلباغ ۋە بىر يول»ئىستراتېگىيەسىنىڭ رايون دۆلەتلىرىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ماھاتھىر: بۇ ئىستراتېگىيە تۈرتكىسىدە نۇرغۇن پاراخوت مالايشىيا بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئارىلىقىدا قاتنىيالايدۇ، شۇنداقلا خىتاي بىلەن رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ، دېدى.

ماھاتھىر، مالايشىيا بىلەن خىتاينىڭ خەلقئارا سودىنىڭ راۋاجلىنىشىدا مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن ياۋروپانىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا مالايشىيا بار، شۇڭا مالايشىيا خىتايدىن كەلگەن سودا ماللىرى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر بىرلىكى رايونىغا تارقىلىدىغان مەركەز بولالىشى مۇمكىن. ئوخشاشلا ياۋروپادىن كەلگەن سودا مەھسۇلاتلىرىمۇ دەسلەپ مالايشىياغا كېلىپ ئارقىدىن خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرگە تارقالسا بولىدۇ، مالايشىيا خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى سودا مەركىزى بولالايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.»

مالايشىيانىڭ خىتاينىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۆلگە قىلغانلىقىنى ئېيتقان ماھاتھىر:  خىتاي بىزگە ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ، تەرەققىيات ساھەسىدە خىتايدىن نۇرغۇن نەرسە ئۆگىنەلەيمىز، دېدى.

ماھاتھىر تۆت كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىر لى كېچىياڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر