گىرۇزىيەدە ھىدرو-ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گىرۇزىيەنىڭ ئاكخمېتا ناھىيەسىگە قاراشلىق بىركىيانى يېزىسىدىن ئۆتىدىغان ئالازانى دەرياسى ئۈستىگە يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى سېلىش پىلانىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1187597
گىرۇزىيەدە ھىدرو-ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيەدە ھىدرو-ئېلېكتر ئىستانسىسى سېلىش پىلانىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلاردا 55 ئادەم يارىلاندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئاكخمېتا ناھىيەسىگە قاراشلىق بىركىيانى يېزىسىدىن ئۆتىدىغان ئالازانى دەرياسى ئۈستىگە يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى سېلىش پىلانىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، يەرلىكلەر بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقىپ 55 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «38 ساقچى بولۇپ جەمئىي 55 ئادەم يارىلاندى، يارىسى ئېغىرراق بولغان 23 ساقچى دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلدى.»

«خادورى-3»ئىسىملىك ھىدرو-ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن رايونغا كەلگەن شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ يولىنى يەرلىكلەر توسۇۋالدى.

بۇنىڭ قارىتا نەق مەيدانغا كەلگەن ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى خادىملىرى بىلەن يەرلىكلەر ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقتى.

ئۈلۈشكۈن كەچتە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گىئورگىي گاكخارىيە نەق مەيدانغا بېرىپ يەرلىكلەرنى بېسىقتۇردى، بۇنىڭغا قارىتا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى رايوندىن ئايرىلدى.

بىركىيانىلىكلەر ھىدرو-ئېلېكتر ئىستانسىسىلىرىنىڭ  مۇھىتنى بۇلغايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،  ئالازانى دەرياسىغا سېلىنىدىغان ھىدرو-ئېلېكتر ئىستانسىسىغا قارشى چىقىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر