دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە ۋە مۇقەددەس كىتابلارغا ھۆرمەت يۈرىشى ئۆتكۈزۈلدى

دانىيەدە مۇسۇلمانلار نامايىش ئۆتكۈزۈپ، رادىكال ئوڭچى «Stram Kurs» پارتىيەسى رەھبىرى راسمۇس پالوداننىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1186926
دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە ۋە مۇقەددەس كىتابلارغا ھۆرمەت يۈرىشى ئۆتكۈزۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيەدە 24 ئاممىۋىي تەشكىلات بىر يەرگە جەم بولۇپ، قۇرئان كەرىمگە ۋە مۇقەددەس كىتابلارغا ھۆرمەت يۈرىشى ئۆتكۈزدى.

دانىيەدە تۇرۇشلۇق تۈرك ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، دانىيە تۈرك دىنىي ئىشلار فوندىي جەمئىيىتى، دانىيە ئىسلام توپى ۋە خەلقئارا دېموكراتلار بىرلىكىنىڭ دانىيە شۆبىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 24 ئاممىۋىي تەكشىلات بىلاگارس پىلادس مەيدانىدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، قوللىرىدا قۇرئان كەرىمنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا كوپېنھاگ شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەيدانىغا قاراپ يۈردى.

يۈرۈش جەريانىدا شوئارلار ۋە تەكبىرلەرنى توۋلىغان گۇرۇپپا، مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەزان ئوقۇدى ۋە باياناتلارنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تىنچ بىر شەكىلدە تارقىلىپ كەتتى.

نامايىشنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن ئاممىۋىي تەكشىلاتلار، دانىيەدە قۇرئان كەرىم قاتارلىق بارلىق مۇقەددەس كىتابلارنىڭ كۆيدۈرۈلىشىنى قانۇن بويىچە چەكلەش ۋە دانىيەدە ئىككى يىل ئىلگىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان «دىنغا ھاقارەت» قانۇنىنىڭ قايتىدىن ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئىمزا توپلاندى.

توپلانغان ئىمزالارنىڭ سىياسەتچىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر