ئىران ئىنستاگرامغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابباس مۇسەۋى، ئىنستاگرامنىڭ، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىنىڭ ئەزالىق ئادرېسلىرىنى تاقىۋېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1185487
ئىران ئىنستاگرامغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابباس مۇسەۋى ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان باياناتىدا، ئىنستاگرامنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلارنىڭ ئەزالىق ئادرېسلىرىنى تاقىۋېتىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئەزالىق ئادرېسلىرىنىڭ تاقىۋېتىلىشىگە سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلگەن نۇقتىلارنى نەزەرگە ئالمايدىغانلقلىرىنى ۋە ئىنستاگرامنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇسەۋى، «بۇ قەدەمگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمايمىز. ئامېرىكىلىقلارنىڭ قارا تىزىملىكىگە يېڭى بىر سەتچىلىك ئىلاۋە قىلىندى» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تاشلانغان بۇ قەدەم، غەربلىكلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلەن پىكىر ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلغۇچىلارنىڭ، ئۆز سىياسەتلىرىنى ياقتۇرمىغان ۋە مېتودلىرىنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئالدىدا قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنىڭ بىر كۆرسەتكۈچىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبىرى ئىنستاگرام، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىنى رەسمىي چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىدىن كېيىن ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بىرىگادا گېنېرالى مۇھەممەد باكىرى، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرى باش قوماندانى مۇھەممەد ئەلى جەئفەرى، قۇددۇس كۈچلىرى قوماندانى قاسىم سۈلەيمانى، قوراللىق ئارمىيە ئەمگەك كۈچى مەنبەلىرى ئىدارىسى باشلىقى مۇسا كامالى ۋە بىر مەزگىل ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى سېپىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن سابىق رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى باشلىقى ئىززەتۇللاھ زەرگامىنىڭ ئەزالىق ئادرېسلىرىنى تاقىۋەتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 8 – ئاپرېلدا ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان، ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئالىي كېڭىشىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىراندا ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ %55 ى تېلېگرامدىن قالسىلا ئەڭ كەڭ تارقالغان ئىككىنچى ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبىرى ئىنستاگرامنى ئىشلىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر